تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇللا تۆمۈرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۇچا شەھىرىدە قالغان ئۈچ پەرزەنتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىزدەش جەريانىدا خىتايدىكى بىر ساقچى خادىمى بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 18-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابدۇللا تۆمۈر 2016-يىلى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر پەرزەنتىنى يوقلاش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن كۇچاغا قايتالمىغانلىقىنى ۋە كۇچادا قالغان ئۈچ پەرزەنتىدىن 10 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق پەرزەنتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر تەلەپ قىلغان
ئابدۇللا تۆمۈر 2026-يىلى مارتتا فېيسبۇكتا مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، كۇچادىكى دائىرىلەردىن پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
RFA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ مۇراجىئەت كېيىنچە دوۋيىندىمۇ تارقىلىپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن. ئابدۇللا تۆمۈر شۇنىڭدىن كېيىن بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنى كونسۇلخانا خادىمى، تاموژنا خادىمى ياكى تىجارەتچى دەپ تونۇشتۇرغان تۆت كىشىنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ كىشىلەر پەرزەنتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر تېپىشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئال سوراشقا باشلىغان.
بۇ تۆت كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ كىملىكى ۋە رەسمىي سالاھىيىتى مۇستەقىل مەنبەلەر ئارقىلىق دەلىللەنگىنى يوق.
RFA: ئالاقىلەشكەن كىشىلەرنىڭ بىرى ساقچى خادىمى
خەۋەردە «ئەخمەتجان» دەپ تىلغا ئېلىنغان كىشىنىڭ ئۆزىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلىدىغان ۋە كۇچادا «يولى بار» كىشى دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئابدۇللا تۆمۈرگە پەرزەنتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئابدۇللا تۆمۈرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەخمەتجان كېيىنچە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى نوپۇسلۇق بولغان ئالاغا بازىرىغا بېرىپ، ئائىلىسىنىڭ ئۆي-قورۇسىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى ئەۋەتكەن، ئەمما پەرزەنتلىرىنى كۆرسەتمىگەن.
RFA كۇچادىكى دائىرىلەرگە قىلغان تېلېفون زىيارىتىدە، بۇ كىشىنىڭ تولۇق ئىسمىنىڭ ئەخمەتجان ئەزىز ئىكەنلىكى ۋە ئۆگەن يېزىلىق ساقچىخانىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېنىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
RFA يەنە ئەخمەتجان ئەزىز بىلەن بىۋاسىتە تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەرگە قارىغاندا، ئەخمەتجان ئەزىز ئۆزىنىڭ تەخمىنەن 15 كۈن بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئالاغاغا بېرىپ ئابدۇللا تۆمۈر ئائىلىسىنىڭ ئۆي-قورۇسىنى سىنغا ئالغانلىقىنى دەلىللىگەن.
«ئاكا-ئۇكا بولۇش» تەلىپىنى رەت قىلغان
ئابدۇللا تۆمۈرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ پەرزەنتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر سورىغاندا، ئەخمەتجان ئەزىز ئۇنىڭ كۇچاغا قايتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئابدۇللا تۆمۈر بۇ تەلەپنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ RFA غا ئېيتىشىچە، ئەخمەتجان ئەزىز كېيىن ئۇنىڭ بىلەن «ئاكا-ئۇكا» بولۇشنى تەكلىپ قىلىپ، سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر سورىغان.
ئابدۇللا تۆمۈر ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇماتى يوق بىر دېھقان ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان.


